ARTICLE · 1433501
جاھىل دېتاللارنى تېگىدىن ئۆچۈرىدىغان ئىجادىي ئۇيغۇرچە دېتال-قۇتيار مەرجبۇرىي ھۆججەت ئۆچۈرۈش دېتالى

ئادەتتە بەزى چاغلاردا بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ياكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىمىز (删除) دېسەك ئۆچمەي تۇرۇۋالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يۇيۇۋېتىش (卸载)نىڭ گېپى ئەمەس جۇمۇ، بەلكى ئۆچۈرۋېتىشنىڭ پارىڭى.

يەنى مانا يۇقارقىدەك؛
بۇ ھەرگىزمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ھۆججەتنىڭ ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى جاھىل قوشۇمچە ھۆججەتلەرنىڭ ئېنىقسىزلا ئۆچمەي تۇرۇۋېلىشنى كۆرستىدۇ.
ناۋادا ئىشلىتىۋاتقان ھۆججەت ئۆچمىسىغۇ، ئىشلەۋاتقان يېرىدىن چېكىندۈرسەكلا ئاندىن نورمال ئۆچۈرەلەيمىز، ئەمما ماۋۇنىڭدەك ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش بەكلا تەس.
شۇڭا يېقىندا مۇشۇنداق جاھىل ئۆچمەيدىغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىدىغان بىر دېتال ياسىغان، شۇنى ھەرقايسى مەستانىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنەي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
مانا مۇشۇ فىلىمدىكى دېتال شۇ.
دېتال ھەققىدە
دېتال نامى: قۇتيار مەجبۇرىي ھۆججەت ئۆچۈرۈش قورالى
سىغىمى: 32كلوبايت
ئىجرا مۇھىتى: win10/11
netرامكىسى: 4.8
ئالاھىدىلىكى:
ئاساسلىقى ئۆچمەيدىغان كېرەكسىز جاھىل ھۆججەتلەرنى مەجبۇرىي ئۆچۈرىدۇ.
دېتالنى ئىشلىتىش


مانا بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى، ئىشلىتىش ئاسان، ئۆچمەيدىغان جاھىل ھۆججەتلەرنى ياكى قىسقۇچلارنى دېتالنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كۇنۇپكا بار يەرگە سۆرەپ تاشلاپ ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى «مەجبۇرىي ئۆچۈرۈش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا ئۆچمەيدىغان ھەرقانداق دېتالنى ئۆچۈرىدۇ.
يەنى دېتال 2 خىل تىلدا ئايرىم ياسالدى، ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلىدا، سىزگە قايسى ياقسا شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. قوش تىللىق قىلاي دەپمۇ ئويلىغان لېكىن ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇشى بىردەك ئەمەسكە شۇڭا بۇ دېتالنى ئايرىم ئايرىم 2 خىل تىلدا تارقاتتىم. قالغان تاللاش ئۆزۈڭلارغا باغلىق.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان.
دېتالنى چۈشۈرۈش
دېتالنى مانا مۇشۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ياراپ قالسا تارقىتىشنى ئۇنتۇماڭ. ئېپلا قاچىدىغان ئىشنى قىلماي قوللاشنى ئۇنتۇماڭ.
خۇلاسە
شۇنداق قىلىپ مانا كىچىك بىر دېتالمۇ پۈتۈپ قالدى، توردا بەلكىم بۇ خىلدىكى دېتاللار بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىزدەپ تېپىپ بولغۇچە قولدىن كەلگەندىكىن ياساپ قويدۇم، بەزى يەرلەرنى AIدىن سوراپ قىلغانمۇ بولدۇم، نېمىلا قىلاي ئىجادىي بىر دېتال پۈتتى، ساقلاپ قويغۇم بارتى دەيدىغانلار چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىڭلار، تېمىنى تارقىتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇماڭلار.
پاكىز ئىشەنچىلىك نىمكەش يانفونلاردىن مال كەلدى، لازىملار گەپ قىلىڭلار. توپ باھادا تارقىتمىز.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يانفون زاپچاسلىرىنى توپ تارقىتىمەن، لازىملار ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.


ئۆتكەن سانلارنى ئەسلەش
بۇ يازمىنى يەنە قۇتتاشنىڭ ئەپچاق نۇسخىسىدىنمۇ كۆرەلەيسىز.
