ARTICLE · 1411456
一户一档插件2.0一键安装版|بىر ئائىلىگە بىر ئارخىب قىستۇرمىسى

(一户一档)档案助手插件2.0版本
قىستۇمىغا يىڭىدىن قوشۇلغان ئەلاشتۇرۇلغان نوقتىلار:

1.بىر ئائىلىگە بىر ئارخىب ئىشلەش

2.بىر ئائىلىنى بىر قۇرغا يىغىش

3.سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش

4.دۆلەت تىلىدا يىزىلغان كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تورسىز مۇھىتتا تەرجىمە قىلىش.

5.يەككە ئارخىبنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش


6.ئىلخەت ھاسىللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ۋورد ئارخىب تەييارلاش.

7.تىز كۆرۈش ،تەكرار ئۇچۇرنى يورۇتۇش

8.سانلىق مەلۇمات دەلىللەش

9.ئوقوغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا بۆلۈش ۋە مەيدان خەتكۈچ ھاسىللاش


10.ئىككىلىك كود ۋە تاياقچە كود ھاسىللاش.

11.يىزىق بىر تەرەپ قىلىش




11.ئاپتۇماتىك كود ھاسىللاش

قىستۇرما ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1.كومپىيوتىر مۇھىتىنى ھازىرلاش.ئاۋال كومپىيوتىرىمىزغا Microsoft Office نىڭ 2010ياكى شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرنى قاچىلايمىز.WPSنىسپەتەن ھىچقانداق تەلەپ يوق،قايسى نەشىرى بولسا بولىدۇ.

2.سالۇنىمىز تەمىنلىگەن قىستۇرما ھۆججەتنى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپ تەييار قىلىمىز.

يۇقاردا كۆرسىتىلگەن 档案助手安装器.exeنى چىىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.





3.قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستەExel نى قوزىتىپ تىزىملىككە قارىساق 档案助手دەپ بىر تىمىلىك قوشۇلغان بولىدۇ.

4.كومپىيوتىرىڭىزدا Exelبولمىسا wps بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.قوزىتىپ تىزىملىككە قارىساق 档案助手دەپ بىر تىمىلىك قوشۇلغان بولىدۇ.

4.ئارخىب ئىشلەشتە زۆرۈر بولغان تىزىملىك ياكى تەيجاڭنى ئاستىدىكىدەك ئىچىپ تەييار قىلساق بولىدۇ.

5.ئاسىتىدىكىدەك بىز ئىشلىمەكچى بولغان بىرئائىلىگە بىر ئارخىب موبەننى تەييار قىلىمىز.

موبەن ۋە ئاساسى سانلىق مەلۇماتتىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەييار قىلساق بولىدۇ.چوقۇم يۇقارقى رەسىمدىكىدەك قىلىش ھاجەتسىز.
6.يۇقارقى رەسىمدىكىدەك موبەنگە ئۇچۇر توشقۇزغاندا ئاساسى ئەزانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى 【】بەلگىسى ئارقىلىق،ئائىلە ئەزا ئۇچۇرلىرىنى {{}}بەلگىسى ئارقىلىق ئايرىپ تولدۇرىمىز.چوڭ تىرناق ۋە يالاڭ قوش تىرناققا ئىچىگە يازغان خەت چوڭ سانلىق مەلۇمات جەدىۋىمىزنىڭ ئەڭ بىشىدىكى تىك قۇر نامىدىن كىلىدۇ.

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك جەدىۋەل بىشىدا قانداق قۇرنامى بولسا شۇ بويىچە تولدۇرساق بولىدۇ.

7.قىستۇرما تىزىملىك ئىچىدىن一户一档 نى بىسىپ يۇقارقىدەك قىستۇرمىنى قوزغىتىپ تەييار قىلىمىز.

قىستۇرما ئىچىدىكى ھالقىلىق سۆزلەر ۋە تاللاش
1.ھالقىلىق سۆز标头行:ئۇچۇر باشلىنىش قۇر سانىنى كىرگۈزۈمىز مەسلەن 1-قۇردىن باشلاندىمۇ ياكى 2-قۇردىن باشلاندىىمۇ دىگەندەك.بىزنىڭ جەدىۋەل1-قۇردىن باشلانغان،شۇڭا 1 دەپ تولدۇرىمىز.

2.ھالقىلىق سۆز数据源工作表:ئاساسى سانلىق مەلۇمات جەدىۋەل نامىنى تاللاپ بىرىمىز.
3.ھالقىلىق سۆز户号列:نۇپۇس نۇمۇرى بار تىك قۇرنى تاللاپ بىرىمىز.ئەگەر ئىشىك نۇمۇرى ياكى باشقا نۇمۇرلار ئارقىلىق بىر ئائىلە ئەزالىرىنى ئايرىماقچى بولساق شۇ تىك قۇرنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ.

4.ھالقىلىق سۆز当事人识别:يەنى ھەربىر ئائىلىدىن كىمگە جەدىۋەل ئىشلەيمىز.مەسلەن ھەربىر ئائىلىدىكى 1-قۇردىكى ئەزانىمۇ ياكى بىكىتكەن سالاھىيەتتىكى ئەزانىمۇ دىمەكچى.

5.ھالقىلىق سۆز识别列:قايسى قۇردىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاساسى ئارخىب ئىشلىمەكچى بولغان ئادەمنى جەزىملەشتۈرىمىز.

مەسلەن ئائىلە باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بويىچىمۇ ياكى مەلۇم بىر خاس ئۇچۇر بويىچىمۇ،مەسلەن بىز 当事人,要做档案人دەپ بىر تىك قۇر قوشۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ ئىشلىمەكچى بولغان ئائىلە ئەزاسىغا是ياكى 否دەپ يىزىش ئارقىلىق پەرىقلەندۈرسەكمۇ بولىدۇ.

6.ھالقىلىق سۆز模板工作表:قايسى جەدىۋەل موبەن ئىكەنلىكىنى تاللاپ بىرىمىز.ئاندىن رەسىمدىكىدەك 插入占位符نى چىكىپ موبەنگە تولدۇردىغان ئۇچۇرنى تاللاپ بىرىمىز.

تولدۇردىغان 插入占位符ئۇچۇرنى ئىھتىياج بويىچە تولدۇرىمىز.

7.ھالقىلىق سۆز插入图片ئارخىب ئىشلىمەكچى بولغان ئادەمنىڭ رەسمىنى بىللە قىستۇرماقچى بولساق ئاستىدىكى رەسدىكىدەك插入图片 نىڭ ئالدىغا توغىرا بەلگىسى ئۇرۇپ تەييار قىلغان ئادەم رەسىمىنى ساقلىغان ھۆججەت قىسقۇچىنى ئاستىدىن رەسىم ھۆججىتىدىكى ئىسىم ياكى شۇ ئادەمنىڭ تىلفۇن نۇمۇر ياكى كىملىك نۇمۇرى ئارقىلىق ئىسىم قويۇپ ساقلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىمىز.

8.ھالقىلىق سۆز生成档案ئارخىب شەكىللەندۇرۇش ۋە ساقلاش ئۇچۇرىنى تاللايمىز ياكى تولدۇرىمىز.

ئاندىن كۆرۈپ بىقىش شەكلىدە تولدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنىڭ مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن 批量生成نى چىكىپ چىقىرىشنى باشلىساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:بۇقىتىملىق نۇسخىنى تىخمۇ ئەلاشتۇرلۇپ قاچىلاش بولىقى شەكلىدە تەييار قىلىندى،ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى سەرىپ قىلىپ تەييار قىلدۇق،شۈنىڭ ئۈچۈن ھەقلىق تارقاتتۇق،ئاۋال سىناپ ئىشلىتىپ يارىسا قىستۇما ئىچىدىن كودنى سىكانىرلىپ سېتىۋىلىپ ئىشلەتسىڭىزبولىدۇ.ھەرقانداق مەسلە بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا سۆز قالدۇرسىڭىز كىيىنكى نەشىرلىرىدە تەكلىپ پىكىر بويىچە يىڭىلاش ئىلىپ بارىمىز.
قىستۇرما چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
يۇقارقى سالۇننى قوشۇپ ئۇچۇر يوللاش رامكىسىغا 一户一档دەپ كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىز چۈشۈرۈش ئادىرسى چىقىدۇ.
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
https://cj.uisoft.top/down/cj1830.zipئەڭ يىڭى كومپىيوتىر ئۇچۇرلىرى سالۇنىمىزنى قوشىۋىلىڭ
ئالاقە ئۈندىدار چىپار كودى
![]() | سۈپەتلىك يىڭى ۋە ئىككىنجى قول كومپىيوتىر كومپىيوتىرلارنى ئۈستىدىكى سالۇنىمىزدىن كۆرۈڭ |
















































































