乐于分享
好东西不私藏

نوكىيا AIغا تايىنىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى!

نوكىيا AIغا تايىنىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى!

mydrivers تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا نوكىيانىڭ پاي باھاسى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، بازار قىممىتى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 400 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇ يىل ئىچىدىكى ئېشىش نىسبىتى %60تىن يۇقىرى بولغان.

ئىلگىرى يانفون بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ ماگنات يانفون كەسپى بىلەن خوشلىشىپ ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، خەۋەرلىشىش ۋە AI ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى سالاھىيىتى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قايتۇرما ھۇجۇمنى تاماملىدى.

بۈگۈنكى كۈندە نوكىيا شىركىتى يانفون كەسپى بىلەنلا قالماي، تىپ ئۆزگەرتىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى كارخانىسىغا ئايلىنىپ، 5G پاتېنتى، ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، ھېسابلاش كۈچى تورى ساھەسىدە يادرولۇق ئورۇننى ئىگىلىدى.

شىركەتنىڭ قولىدا زور مىقداردىكى 5G يادرولۇق پاتېنتى بار، ئوپتىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازار ئۈلۈشىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دۇنيادىكى 130دىن ئارتۇق دۆلەتنى تور ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى بۇلۇت مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك بازار قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەل AI ھېسابلاش كۈچىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئېھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، شۇنداقلا Nvidia بىلەن بولغان چوڭقۇر باغلىنىشتىن كەلگەن.

2025-يىلى 10-ئايدا، Nvidia شىركىتى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن نوكىياغا ئىستراتېگىيەلىك پاي قوشتى، ئىككى تەرەپ AI-RAN ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاساسىي پونكىتى قۇرۇشتا ھەمكارلىشىپ، خەۋەرلىشىش تورىنى گىرۋەكلىك ھېسابلاش كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈگۈنىگە ئۆزگەرتىپ، AI دەۋرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىنى بىۋاسىتە ئاچتى.

ئوپتىكىلىق مودۇل، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۆز-ئارا ئۇلىنىشى، 5G-A/6G تېخنىكا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ، نوكىيا سۈنئىي ئىدراك (AI) دەۋرىدىكى ھېسابلاش كۈچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى.

نوكىيا ئىلگىرى ئىقتىدار يانفونى دەۋرىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى ئىدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە دۇنيا يانفون بازىرىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، بازار قىممىتى بىر مەھەل 162 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن، كىلاسسىك يانفون تىپى 1100نىڭ جەمئىي سېتىلىش مىقدارى 250 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتكەن، نوكىيانىڭ پەن-تېخنىكىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

ئەينى چاغدا نوكىيا چىدامچانلىقى، ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش ۋە سىگنالى مۇقىم بولغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىشەنچلىك يانفون دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى ئالما iPhoneنى ئېلان قىلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دولقۇنى ئۈن-تىنسىز يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوكىيامۇ كىرىزىسقا پاتتى.

باشقۇرۇش قاتلىمى ئىستىراتېگىيەلىك خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، كونا سىمبيان سىستېمىسىغا مەھكەم ئېسىلىۋالدى، بۇ سىستېمىنىڭ كودى كېلەڭسىز، نەشىرى ئېغىر دەرىجىدە پارچىلانغان، 2009-يىلى ھەتتا 57 خىل بىر-بىرى بىلەن سىغىشمايدىغان نۇسخىسى چىققان، ئەپ ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ئاجىز، 2010-يىلىدىكى سىمبيان ئەپ بازىرىدا پەقەت 3000 خىل ئەپ بار بولۇپ، ئاندرويىدنىڭ بولسا 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

نوكىيا گۇگولنىڭ ئاندرويىد ھەمكارلىق تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا MeeGo سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا چىڭ تۇرغان، ئەمما ئىچكى سەرپىيات سەۋەبىدىن تىپ ئۆزگەرتىش كۆزنىكىنى قولدىن بېرىپ قويغان.

2011-يىلى نوكىيا شىركىتى مىكروسوفىت بىلەن قول تۇتۇشۇپ، Windows Phone سېستىمىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوبول قىلىپ، سىمبيان بىلەن MeeGoدىن ۋاز كەچكەن.

ئەمما WP سىستېمىسى ئېكولوگىيەسىنىڭ كەمچىلىكى روشەن ئىدى، ئەپ سانى يېتەرلىك ئەمەس، ئاساسىي ئېقىمغا ماسلىشىشتا ئارقىدا قالغان، شۇنىڭ بىلەن نوكىيانىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش دەۋرى ئۇزىراپ كېتىپ، ئاخىرىغا بارغاندا يېڭى يانفوننىڭ رىقابەت كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقتەك مەسىلە كېلىپ چىقتى.

2012-يىلى، نوكىيانىڭ يانفون كەسپى بىر مىليارد 70 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان بولۇپ، بازار ئۈلۈشى بىراقلا %5كىمۇ يەتمىگەن ھالغا چۈشۈپ قالدى.

2013-يىلى نوكىيا شىركىتى يانفون كەسپىنى 5 مىليارد 440 مىليون ياۋرو باھادا مىكروسوفتقا سېتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن يانفون ئىمپېرىيەسى رەسمىي ئاخىرلاشقان.

رومانلار

قابىل قوغدىغۇچى ۋە سەتەڭ خوجايىن سېھىرلىك تېۋىپ سىرلىق بايۋەچچە-2
ياۋايى ھەۋەس مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم

بۇلاق رومانزارىدا ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ

بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ

سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
 ئۈندىدار: NURBULAK02