ARTICLE · 1434829
شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12دە ئېلان قىلىنىدۇ

شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12دە ئېلان قىلىنىدۇ
ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12دە ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نومۇرى (ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى)، كىملىك نومۇرى ۋە نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش شىفىرىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ.
1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتى: http://jyt.xinjiang.gov.cn.
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى: http://www.xjzk.gov.cn.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تور بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى» ئىستونىدىن «نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش»نى تاللاپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
3. شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى: http://zwfw.xinjiang.gov.cn. باش بەتتىن «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى بەيدۇ ھۆكۈمەت تورى قوللىنىشچان كىچىك پىروگراممىسى: بەيدۇ Appسى ئارقىلىق «شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى»نى ئىزدەپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى قوللىنىشچان كىچىك پىروگراممىسىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
5. ئانار بۇلۇت تېرمىنالى: نەتىجە ئېلان قىلىنغان كۈنى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى APPسى ئارقىلىق، باش بەتتىن «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەزمەن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10دىن بۇرۇن، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)غا كىرىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى» ئىستونىدىن «توردا تىزىملىتىش»نى تاللاپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش» سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى ياكى ئىمتىھان بەرگۈچى نومۇرى(ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى)نى ئىشلىتىپ، سىستېمىغا كىرىش شىفىرى ھەمدە يان تېلېفوندا دەلىللەش كودى ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىپ، سول تەرەپتىكى ئىستوندىن «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شىفىرىنى تەكشۈرۈش»نى تاللاپ، ئۆزىنىڭ نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش شىفىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەم خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك، بۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش» سىستېمىسى نەتىجە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ، تاقىلىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10دىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 15كىچە بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن «2026-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس جەدۋىلى»نى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، تەرتىپ بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتى ئىمتىھان بەرگۈچىگە قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.
نەتىجىنى قايتا قاراپ چىقىش مەزمۇنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شەخسىي ئالاقىدار ئۇچۇرى، ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ جاۋاب قەغىزى(جاۋاب كارتىسى)مۇ-ئەمەسمۇ، نومۇر قويۇشتا چۈشۈپ قالغان يەر بارمۇ-يوق، كىچىك سوئاللاردا ئېرىشكەن نومۇرنى بىرتۇتاش ھېسابلاش(تىزىملاش)تا چۈشۈپ قالغان يەر بارمۇ-يوق، ھەرقايسى كىچىك سوئاللاردىن ئېرىشكەن نومۇر جەملەنگەندىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىگە تەمىنلىگەن نەتىجە بىلەن بىردەكمۇ-ئەمەسمۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جاۋاب قەغىزى دۆلەت مەخپىيىتى دەرىجىسىدىكى ئىش بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاب قەغىزى (جاۋاب كارتىسى) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىلمەيدۇ. نەتىجىنى قايتا قاراپ چىقىشتا ئىمتىھان قەغىزى قايتىدىن باھالانمايدۇ، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى، نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدىكى كەڭچىلىك قىلىش-قاتتىق بولۇش مەسىلىلىرى قايتا قاراپ چىقىش دائىرىسىدە بولمايدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار شەخسىي ئۇچۇرنى ياخشى ساقلاڭلار، ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىش شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، كىرىش بېتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى «شىفىرنى ئۇنتۇپ قېلىش» تۈرىنى تاللاپ، شىفىرنى قايتا تەسىس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كىرگىلى بولىدۇ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىستېما باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
تەۋسىيە
ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ















































































